2012-يىلى مىسىردا يۈز بەرگەن پۇتبول قالايمىقانچىلىقى ۋەقەسىدىكى 21 جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، مىسىردا يەنە بىر قېتىم چوڭ « ئالىتوپىلاڭ» يۈز بېرىپ، نۆۋەتتە كونترول قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى 10-مارت ھۆكۈمگە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قاھىرەدىكى ئازادلىق مەيدانى ۋە ئەتراپتىكى نىل دەرياسى كۆۋرۈكىنى قامال قىلىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2012-يىلى فېۋرالدا، مىسىرنىڭ سەئىد پورتىدا بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، پۇتبول مەستانىلىرى ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، 74 ئادەم قازا قىلغان. بۇ ۋەقەگە قارىتا، سەئىد جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى بۇ يىل 9-مارت ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 73 جاۋابكارنىڭ 21 ىنى دارغا ئېسىش جازاسىغا، بەشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، باشقا جاۋابكارلارنى بەش يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، سەئىد پورتىنىڭ سابىق خەۋپسىزلىك كوماندىرى IssamSamake مۇ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.