باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە بەلگىلىدى

2013.03.13 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە بەلگىلىدى.

  جەي چىڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىققا، مېي كېباۋ دۆلەت سۈپەتكە نازارەتچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، جاڭ جۈنكو، جاڭ لەيمىڭ قاتارلىقلار گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، نيۇ جىجۈن جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، شۈ مىڭ دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا (مۇئاۋىن مىنىستىرلىق مۇئامىلىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ)، ياڭ ۋېي 7-نۆۋەتلىك دۆلەت تەبىئىي پەنلەر فوند كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، شېن يەن، ياۋ جيەننيەن، خې مىڭخۇڭ، ليۇ سۇڭچياڭ، گاۋ ۋېن، گاۋ رۈيپىڭ (ئايال) قاتارلىقلار 7-نۆۋەتلىك دۆلەت تەبىئىي پەنلەر فوند كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.

  چېن چيۇفا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىقى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقى، دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىنىڭ مۇدىرلىقى، دۆلەت مۇداپىيەسى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ جاڭ لىجۈن مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ خۇاڭ جىفۇ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ دۇەن شىجيې دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ خۇ يۈنچىڭ، لۇ جۇڭيۈەن قاتارلىقلار گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ليۇ يۈچېن جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ياڭ ۋېي جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ليۇ جيەنشىن، خانبات شەپقەت قاتارلىقلار شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنلىك، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە