باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئورگان ئىسلاھاتى تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسلىدىكى قەرزى ۋە زايومىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ

2013.03.14 14:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 13-مارت تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتىدىن كېيىن، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىدى، جامائەتچىلىك تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ تىرىليون يۈەنلىك قەرزىنى قانداق قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن مەركىزىي بانكىنىڭ ئەمەلدارى 13-مارت ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ قەرزى ۋە زايومى ئورگان ئىسلاھاتى سەۋەبلىك ئۆزگەرمەيدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شىيۈ 13-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھات لايىھەسىگە ئاساسەن، تۆمۈر مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىدى. ئەسلىدە سودا بانكىسى تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىغا بەرگەن قەرز ھەمدە تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى تارقاتقان زايوم، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق كارخانىلار سودا بانكىسىدىن ئالغان قەرزلەرنىڭ ھەممىسىگە يېڭىدىن قۇرۇلغان جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى ئىگە بولىدۇ.

  ليۇ شىيۈ مۇنداق دېدى: سودا بانكىسى تۆمۈر يول باش شىركىتىگە بەرگەن قەرز، تۈرلۈك ئورگانلاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئالغان زايوملىرى تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ئىسلاھاتى سەۋەبلىك ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى، تۆمۈر يولغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە