باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرلا قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇلياۋ قاچىلارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش 1-مايدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىكەن

ئۆتكەن 14 يىلدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان

2013.03.14 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلا قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇلياۋ قاچىلار «ئاق رەڭلىك بۇلغىما» دەپ قارىلىپ، 14 يىلدىن بېرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان ۋە كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. لېكىن بۇ يىل 2-ئايدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «21-نومۇرلۇق» ھۆججىتىدە بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقى تۇيۇقسىز بىكار قىلىندى.

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئالاقىدار نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنى نارازەت قىلىش-باشقۇرۇش مەھكىمىسى ئالاقىدار مەھسۇلات باشقارمىسى سۇلياۋ قاچىلارنىڭ شاللىۋېتىش كاتالوگىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 21-نومۇرلۇق بۇيرۇقى 1-مايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولغاچقا، سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرى نۆۋەتتە ئالاقىدار ئىجازەت ھۆججەتلىرىنى تۈزۈۋېتىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سۇلياۋ قاچىلار قايتىدىن بازارغا سېلىنىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە