باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا فۇنكسىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ

2013.03.14 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 13-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى لىگو، مۇئاۋىن مىنىستىرلىرىدىن جياڭ لى، دوۋ يۈپېي قاتارلىقلار «خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇش»نى چۆرىدىگەن ئاساستا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  لى لىگو مۇنداق دېدى، گوۋۇيۈننىڭ بۇ قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تۆت چوڭ ساھەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، يەنى كەسىپ ساھەسىدىكى جەمئىيەتلەر ۋە سودا ئۇيۇشمىلىرى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى، جامائەت پاراۋانلىقى، خەير-ساخاۋەت ساھەسىدىكى ۋە شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى تەشكىلاتلارنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىۋاسىتە رۇيخەتكە ئالىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا فۇنكسىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش دائىرىسى، قەدەم باسقۇچى ۋە سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ ۋە تېزلىتىلىدۇ، بىر قىسىم لاۋازىمەت خاراكتېرىدىكى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق. (مۇخبىر ياڭ مىڭفاڭ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}