- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يېقىنقى مەزگىلدە مال باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە ئۆسۈش ئىمكانىيىتى چوڭ ئەمەس
2013.03.11 14:25 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2-ئايدىكى ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ سەل يۇقىرى بولۇشى ئاساسلىقى چاغاننىڭ تەسىرىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-مارت ئېلان قىلغان 2-ئايلىق ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2-ئايلىق ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.1 ئېشىپ، 1-ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنتى ئاشقان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2، 1-ئايدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئىنتى ئاشقان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر ئىجتىمائىي ـ ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى يۈي چيۇمېي 2-ئايدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ سەل يۇقىرى بولۇشىنى مۇنداق ئانالىز قىلدى: 2-ئايدا يېمەكلىك باھاسىنىڭ بىرقەدەر تېز ئۆسۈشى، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى بولۇشىدا ئاساسلىق ئامىل چاغان. چۈنكى بۇ يىللىق چاغان 2-ئايدا بولدى، مېۋە، كۆكتات، سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە گۆش قاتارلىق يېمەكلىك ئىستېمالىنىڭ مىقدارى ئاشتى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ يىل قىشتا كۆرۈلگەن تۇمان-توزانلىق ھاۋارايى كۆكتات توشۇمىچىلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، باھا ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە