باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردا يۈز بەرگەن مۇتبول مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىقىدىكى 21 جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2013.03.11 16:10   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

مىسىردا يۈز بەرگەن مۇتبول مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىقىدىكى 21 جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

  2012-يىلى مىسىردا يۈز بەرگەن پۇتبول قالايمىقانچىلىقى ۋەقەسىدىكى 21 جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ، مىسىردا يەنە بىر قېتىم چوڭ ‹‹ ئالىتوپىلاڭ ›› يۈز بېرىپ ، نۆۋەتتە كونترول قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەن . ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى 10-يانۋار ھۆكۈمگە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قاھىرەدىكى ئازادلىق مەيدانى ۋە ئەتراپتىكى نىل دەرياسى كۆۋرۈكىنى قامال قىلىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى .

  2012-يىلى فېۋرال ، مىسىرنىڭ سەئىد پورتىدا بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ، پۇتبول مەستانىلىرى ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، 74 ئادەم قازا قىلغان . بۇ ۋەقەگە قارىتا ، سەئىد جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى بۇ يىل 9-مارت ھۆكۈم ئېلان قىلىپ ، 73 جاۋابكارنىڭ 21 ىنى دارغا ئېسىش جازاسىغا ، بەشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ، باشقا جاۋابكارلارنى بەش يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ، سەئىد پورتىنىڭ سابىق خەۋپسىزلىك كوماندىرى IssamSamake مۇ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .

  سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمى نۇرغۇن ئادەمنى غەزەپلەندۈرگەن . 9-مارت ، مىڭغا يېقىن ئادەم قاھىرەگە جايلاشقان مىسىر پۇتبول بىرلەشمىسى باش ئىشتاب بىناسىغا بېسىپ كىرىپ ، ئوت قويغان . ئارقىدىنلا قاھىرەنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر ساقچىلار كۇلۇبىغا كېلىپ ، بۇ يەرنىمۇ كۆيدۈرگەن . بۇلاردىنمۇ غەزىپى بېسىلمىغان بۇ كىشىلەر يەنە نىل دەرياسى كۆۋرۈكىگە كېلىپ، قاھىرەدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ، ئاۋات بۇ جاينى قامال قىلىۋالغان ۋە ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن ھەربىي-ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ، ئىككى ئادەم توقۇنۇشتا قازا قىلغان .

  مىسىر ‹‹خەۋەرلەر گېزىتى ›› 10-مارت ئېلان قىلغان بىر ئوبزوردا دېيىلىشىچە ، سەئىد پورتىدا يۈز بەرگەن پۇتبول مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىقى ۋەقەسىنىڭ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق توقۇنۇشى پەقەت مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى قالايمىقان ۋەزىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كارتىنىسى ئىكەن . ئەمەلىيەتتە ، مىسىرنىڭ ۋەزىيىتى يېقىندىن بۇيان ناھايىتى قالايمىقان بولۇپ ، سەئىد پورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەردە ئارقا-ئارقىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، نەچچە يۈز ئادەم قازا قىلغان ياكى يارىلانغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز