باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېڭ گۇاڭزو: تۆمۈريول ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قىسقارتىلمايدۇ، پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى بازارغا قاراپ بېكىتىلىدۇ

2013.03.11 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى، 10-چېسلا مەلۇم بولغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز تۆمۈريول ساھەسىدە مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى ۋە جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنى تەشكىللەيدۇ.

  لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ساقلاپ قېلىنمايدۇ، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ تۆمۈريول تەرەققىياتىغا دائىر پىلان ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋەزىپىسى قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى ۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسىپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.

  دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ باشقا مەمۇرىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە تۆمۈريول تېخنىكىسى ئۆلچىمىنى بېكىتىش، تۆمۈريول بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى، تىرانسىپورت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە