باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلانىڭ پرېزىدېنت سايلىمى باشلاندى(1)

2013.03.12 08:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاي ۋاقتى 10-مارت ۋېنېسۇئېلادا ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ پرېزىدنېت نامزاتلىرى تىزىملىتىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن پرېزىدنېت سايلىمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

  8-مارت كەچتە چاۋېس بېكىتكەن ئىزباسار مۇئاۋىن پرېزىدېنت مادورو پارلامېنتتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مۇۋەققەتپرېزىدېنت بولدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مادورو چاۋېسنىڭ سىياسىي مىراسى ھەمدە پۇختا ئەل رايى ئاساسىغا تايىنىدۇ، ئۇ ئۆكتچىلەرنىڭ رەھبىرى كاپۇرىسيانى ئاسانلا مەغلۇپ قىلىدۇ.

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان «پېشۋالار گېزىتى» ۋە فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-مارت كەچتىكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىدا مادورو سۆز قىلغاندا، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى چاۋېسنى ئەسلەشكە سەرپ قىلىپ، چاۋېسنىڭ لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ساتقىنلىققا قارىشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مادورو مۇۋەققەت پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، ۋېنېسۇئېلادىكى چاۋېسنى ھىمايە قىلىدىغان گۇرۇھ: چاۋېس قازا قىلمىدى، كۈرەش داۋاملىشىدۇ، بىز مادوروغا ئەگىشىمىز، يەنىلا بەختلىكبىز، دەپ سىگنال بەردى. ئۇندىن باشقا ۋېنېسۇئېلا مەملىكەتلىك سايلام كومىتېتى 9-مارت چۈشتىن كېيىن 14-ئاپرېل يېڭى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، رىقابەتكە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى پارتىيەلەر 10-، 11-مارت رەسمىي نامزاتلار ئىسىملىكىنى تاپشۇرسا بولىدىغانلىقى، نامزاتلارنىڭ رىقابەت پائالىيىتى ۋاقتىنىڭ 2-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئۆتكۈنچىلەرنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدىغىنى سايلام كومىتېتى رىقابەت پائالىيىتى مۇددىتىنى ئون كۈن دەپ بېكىتتى ھەمدە 11-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە بولغان ۋېنېسۇئېلا ئوڭچى ئۆكتىچىلەر 2002-يىلى چاۋېسنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ 11 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلدى، ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى بۇ زور ۋەقەنى خاتىرىلىگەندە رادىيو، تېلېۋىزورلاردا ئۆزگىرىشقا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىملەرنى قويۇپ، ئۆكتىچىلەرنى ئۆزگىرىش قىلغۇچى ئۇنسۇرلار دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ قېتىم مۇۋەققەت پرېزىدېنت بولغان مادورو يەنە ھەرقانداق قويۇش ۋاقتىنى ئۈزۈپ قويۇپ، سايلام ئۈچۈن داغدۇغا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  سايلام ۋاقتى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋېنېسۇئېلا دېموكراتىك ئىتتىپاقى دۆلەتلىك سايلام كومىتېتى مادوروغا يان باستى ھەمدە ئۆكتىچىلەرگە پايدىسىز تۈرلۈك شارائىتلارنى كۆڭۈل قويۇپ ھېسابلاپ چىقىپ، سايلام كۈنىنى بېكىتتى، دەپ شىكايەت قىلدى. دېموكراتىك ئىتتىپاق بۇ باراۋەرسىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە مىراندا ئىشتاتىنىڭ ھازىرقى باشلىقى كاپۇرىياسنى رىقابەتچىلىككە كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە