باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاسىيادىكى دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ياپونىيەنى ئەپۇ قىلمايدۇ؟(1)

2013.03.12 08:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان دۆلەتلەر شۇنداقلا دۇنيا فاشىزم كۈچلىرى ئەڭ غالجىرلاشقان ئىككى چوڭ لاگېر ئىدى. ھالبۇكى، تارىخ ئالدىدا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوخشىمىغان پوزىتسىيە بىلدۈردى، شۇڭا ئۇرۇشتىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىدىمۇ روشەن پەرق كۆرۈلدى.

  گېرمانىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا سەمىمىي يۈزلىنىش، چوڭقۇر ئويلىنىش پوزىتسىيىسى تۇتتى. 1-تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ئۈزۈل-كېسىل رەت قىلىپ، فاشىزم كۈچلىرى بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىدى؛ 2-جىنايىتىگە ھەقىقىي توۋا قىلىپ، ئۇرۇش تۆلىمىنى ئاكتىپ تۆلىدى؛ 3-قورال بىلەن ئىگىلىۋالغان بارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچتى. 1970-يىلى 7-دېكابىر، غەربىي گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى برانىت ۋارشاۋادىكى يەھۇدىيلار خاتىرە مۇنارى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، دۆلەتكە ۋاكالىتەن ناتسىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلاردىن گۇناھىنى تىلىدى. 1994-يىلى بىرلىككە كەلگەندىن كېيىنكى گېرمانىيە «ناتسىستلار ۋە جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، ناتسىسىزمنىڭ تىرىلىشىنى توسۇشنىڭ قانۇنىي مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ناتسىسىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى پەردازلاش، ناتسىستلارنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈش ۋە شوئارىنى توۋلاشنى قانۇنسىز دەپ بېكىتتى. پوتسىدام يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، گېرمانىيە تۆتتىن بىر قىسىم يەردىن چېكىنىپ چىقتى. 2000-يىلىغىچە، گېرمانىيە تۆلىگەن ئۇرۇش چىقىمى 150 مىليارد ماركتىن ئېشىپ كەتتى. 2003-يىلىغىچە، گېرمانىيە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئىككى مىليارد 600 مىليون ياۋرو 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئەمگەك تۆلىمى بەردى. گېرمانىيە تارىخقا سەمىمىي يۈزلىنىپ، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەپۇسىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئېتىراپىغا ئىگە بولدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە