باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇڭ ئەيئەينى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ئىلتىماسى سۇنۇلدى

2013.03.10 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىڭمۇ ناھىيەسىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىڭمۇ ناھىيەسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججىتى، تامغىسىنى يالغاندىن ياساشقا چېتىلىدىغان شەنشىدىكى «ئۆيدار ھەدە» گۇڭ ئەيئەي ئۈستىدىن 4-مارت شىڭمۇ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى سۈنغان. 8-مارت تەپتىش ئورگانلىرى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى قارار قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى گۇڭ ئەيئەي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. گۇڭ ئەيئەي ئەسلىدە شىڭمۇ ناھىيەلىك يېزا سودا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى گۇڭ ئەيئەينىڭ ئۈچ يالغان نوپۇس بېجىرگەنلىكى، نۇرغۇن جايدا ئۆيى بارلىقى ئاشكارلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىدى. 4-فېۋرال يۈلىن شەھىرى، شىڭمۇ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ گۇڭ ئەيئەينى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشقا رۇخسەت قىلدى. بۇ يىل چاغاندىن ئىلگىرى گۇڭ ئەيئەينىڭ ئۈچ ساختا نوپۇسى شەنشى، بېيجىڭ ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىندى. نۆۋەتتە بۇ دېلو قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە