باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>> سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى

ئەزا بولىيا: گۈزەل-سەنئەت سارىيىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2013.03.10 09:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق ئەزا بولىيا مۇخبىرنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا مەخسۇس يىغىپ ساقلاش ئورگىنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ، دۆلەت ئىچى شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى گۈزەل-سەنئەت ئۈستىلىرى ۋە داڭلىق كىشىلەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى يىغىپ ساقلاپ، گۈزەل-سەنئەت سارىيىنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئەزا بولىيا مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلاش ئىشلىرى ئىزچىل قالاق ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. كىشىلەر شىنجاڭغا بېرىپ نىمىنى كۆرىدۇ؟ ئۇلار كۆرگۈدەك نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقۇپ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدۇ،داڭلىق سەنئەتكارلار سىرتقا كىتىۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن بۇيان بىز گۈزۈل-سەنئەتنىڭ تەرەققىيات سىستېمىسىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى سىرتقا ئېقىپ كىتىۋاتىدۇ.

  نۆۋەتتە شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيى-- ئەسلىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ سېلىنغان بولۇپ، ئۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مەركىزى شەھەرلەر ئىچىدە شىنجاڭدا ئۆلكە دەرىجىلىك گۈزەل-سەنئەت سارىيى يوق بولۇشتەك ھالەت ئۆزگەرتىلدى. ئەزا بولىيا مۇنداق دېدى: ئەگەر شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيىنىڭ يىغىپ ساقلاش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆرگەزمىخانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق گۈزەل-سەنئەت سارايلىرىغا ئوخشاش يەرلىكنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت قۇرۇقلۇق بەلگىسىگە ئايلىنايمايدۇ، سەنئەت تەتقىقاتنى نامايەن قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغىلى بولمايدۇ. ئەزا بولىيا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى بىلەن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيىنىڭ يىغىپ ساقلاش ئىشلىرىنى بېيىتىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى؛ مىنىڭچە يىغىپ ساقلاش-- شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەمىلىكەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىن يىغىپ ساقلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك، بۇ كىيىنكى ئەۋالاتلارغا پايدىسى بار ئىش ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر مۇھىم كۆزنەك، شۇنداقلا ئۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}