باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>خەلق قۇرۇلتىيى خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلدى

2013.03.09 14:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى ، بېيجىڭ ، 7-مارت خەۋىرى : 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىپ ، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى . يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، چۈشتىن بۇرۇنقى كوللېكتىپ يىغىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا باشتىن-ئاخىر ئېچىۋېتىلدى .

  جاڭ چۈنشيەن ، نۇر بەكرى ، ئەركىن ئىمىرباقى ، چې جۈن ، ئەسقەت كەرىمباي ، خۇاڭ ۋېي ، ليۇ شىنچى قاتارلىق ۋەكىللەر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى .

  راپ چىقىشتا ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى چۆرىدەپ ، شىنجاڭ، شۇنداقلا شۇ رايون ، شۇ تارماقلارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى تەسىراتىنى سۆزلىدى ، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى .

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شيې شۇرېن ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى ، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشتىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى .

  خەلق گېزىتى ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، جۇڭگو گېزىتى ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ، ئەنگلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقى ، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتلىقى ، ياپونىيە ئاساخى ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، شياڭگاڭ ئادالەت گېزىتى ، شياڭگاڭ ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى، سۇمۇرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 104 ئاخبارات ۋاسىتىدىن كەلگەن 136 مۇخبىر شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى كوللېكتىپ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى . قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، مۇخبىرلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ، رايونلار مۇقىملىقىنى قوغداش ، سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋەكىللەرنى 30 مىنۇتتىن ئارتۇق زىيارەت قىلدى . جاڭ چۈنشيەن ، نۇر بەكرى، چې جۈن ، خۇاڭ ۋېي قاتارلىق ۋەكىللەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۇمۇرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئاساخى ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}