باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2013.03.09 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، ۋۇ باڭگو خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، ۋۇ باڭگو خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جىڭشىڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ۋۇ باڭگو دوكلاتتا ئۆتكەن 5 يىللىق خىزمەتنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشىلاشدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن خۇلاسىلىدى. ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، ۋەكىللەر قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ۋەكىللەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادە قىلىشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ 2541 تەكلىپى بىرتەرەپ قىلىندى، 38 قانۇن چىقىرىش تۈرىگە ئالاقىدار 227 تەكلىپ قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى،8 قانۇن چىقىرىش تۈرىگە ئالاقىدار 136 تەكلىپ قاراپ چىقىلىۋاتىدۇ.

  ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى نازارەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاش تۇرۇپ، «مەركەزنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەكىتلەش»تەك خىزمەت ئىدىيەسى بويىچە، قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خىزمەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نازارەت خىزمىتىنىڭ شەكلى، ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىشى مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، مەركەزنىڭ زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئىزچىللىشىپ، ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 5 يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 70 دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، 21 قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، 9 قېتىم مەخسۇس سۈرۈشتۈردى.

  ۋۇ باڭگو دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: 2013-يىلى-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل شۇنداقلا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا باشلايدىغان 1-يىلى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، دائىمىي كومىتېت ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 2013-يىللىق دائىمىي كومىتېت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتى پىلانىنى تۈزدى ھەم 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باشلىقلىرى يىغىنىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىنىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 1-بەش يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ، خامچوت قانۇنى، تاۋار ماركىسى قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى، يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، ساياھەت قانۇنى، مۈلۈك باھالاش قانۇنى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىك قانۇنى لايىھەسى قاتارلىقلار داۋاملىق قاراپ چىقىلىدۇ. 2-غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق دوكلاتلار ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە ماقۇللىنىدۇ، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى، تىرىلمە ئېنېرگىيە قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي خامچوت، نەقچوتىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كۈچەيتىلىپ، يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ۋە داۋالاش قاتارلىق دوكلاتلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 3-ۋەكىللەر ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرى ئەستايىدىل بېجىرىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ يىغىن يېپىلغان مەزگىلدىكى پائالىيەتلىرى ياخشى تەشكىللىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قوللىنىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  ۋۇ باڭگو ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ۋەكىللەر! جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}