باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋىسنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى

2013.03.07 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 4تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى كېسەل بىلەن تىركىشىپ كېلىۋاتقان ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋىس پايتەخت كاراكاستا 58 يېشىدا ۋاپات بولدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ كۈندىن باشلاپ چاۋىسنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، چاۋىسنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئېغىر قايغۇغا چۆمدى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋىسنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

  ۋېنېسۇئېلانىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مادۇرو خەلققە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەلقنى تىنچلىقنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ساقلاشقا چاقىرىق قىلدى. ۋېنېسۇئېلانىڭ بارلىق قوراللىق كۈچلىرى ھەرخىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.

  مادۇرو يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىككى نەپەر ھەربىي دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئۇلاردىن 24 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بۇ ئىككى ئامېرىكىلىق ۋېنېسۇئېلا ئارمىيەسى ئىچىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇندى، دېدى.

  6-مارت، ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خايىگ چاۋىسنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى، چاۋىس ۋېنېسۇئېلا خەلقىگە ۋە دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خەلقىگە ئۆچمەس تەسىر قالدۇردى.

  ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى چاۋىس قازا قىلىپ، ۋارىسلىق مەسىلىسى كۈچلۈك دىققەتنى قوزغىدى

  چاۋىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن مادۇرو ئىزباسار بولالامدۇ؟

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە