باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون مالايسىيانىڭ توقۇنۇشنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.03.07 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، مالايسىيانىڭ شەرقىدىكى ساباھ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  فىلىپپىن بىلەن مالايسىيا ئارىسىدا ساباھ زېمىن ماجىراسى مەۋجۇت بولۇپ، ئىلگىرى توقۇنۇشقان. ساباھ تارىختا سۇلۇ سۇدان خاندانلىقىنىڭ كونتروللىقىدا تۇرۇپ كەلگەن. 1963-يىلى ساباھ مالايا ، سىنگاپور، ساراۋاك بىلەن بىرلىشىپ مالايسىيا بولۇپ قۇرۇلغان. سىنگاپور ئىككى يىلدىن كېيىن چېكىنىپ چىققان ۋە مۇستەقىللىق جاكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە