- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ مۇھىت ئاسراشنى ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى باھالاشقا كىرگۈزىدۇ
2013.03.08 15:29
‹‹شىنجاڭ مۇھىت ئاسراشنى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلدى ›› دېدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋەكىل نۇر بەكرى .
7-مارت چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭدا ‹‹ ئېچىۋېتىش كۈنى ›› پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . شىنجاڭ ھازىر چوڭ ئېچىۋېتىش ، چوڭ قۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا ، مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار تېمىلار جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى .
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى : ‹‹مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونلۇق پاتكوم، ھۆكۈمەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچار ئەھۋالىنى تولۇق ئويلىشىپ ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، ‹مۇھىت ئاسراشنى ئەۋزەل بىلىش ، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش › نى كۈچەيتىپ ، ‹‹ بايلىق مەنبەسىدىن سىجىل پايدىلىنىش ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل قوغداش ›› پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قوغداش جەريانىدا ئېچىۋېتىش ، ئېچىۋېتىش جەريانىدا قوغدىشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى ›› .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە