باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋسترالىيە يەنە بىر قېتىم «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خىزمەت»نى تەۋسىيە قىلدى

2013.03.07 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋستىرالىيە ساياھەتچىلىكى 5-مارت يەنە بىر قېتىم دۇنيا بويىچە «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خىزمەت»كە خادىم قوبۇل قىلماقچى بولغان بولۇپ، «ھەزىلكەش»، «شاراپ تېتىغۇچى»، « خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچى» قاتارلىق خىزمەتلەرگە پۇرسەت بار ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئاساسلىقى ياشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان بولۇپ، ھەر يىلى 1مىليون 600 مىڭغا يېقىن ياش ئاۋىسترالىيەگە ساياھەتكە كېلىدىكەن، ساياھەت كىرىمى 10مىليارد 200 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى ( 12 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا يېتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ %26 نى ئىگىلەيدىكەن.

  بۇ قېتىملىق خادىم قوبۇل قىلىشتا تەمىنلەنگەن 6 «ئەڭ ياخشى» خىزمەت ئورنى ئوخشاش بولمىغان ئىشتاتقا جايلاشقان بولۇپ، 6 ئايلىق ئىش ھەققى 100 مىڭ ئاۋسترالىيە دوللىرى (تەخمىنەن 637مىڭ 600 يۈەن خەلق پۇلى) ئىكەن.

  قوبۇل قىلىنىدىغانلار 18-20 ياشقىچە بولغان ساياھەتچىلەر بولۇپ، خەلقئارا بازار ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان، ئاۋسىترالىيەدە خىزمەت قىلىش، ساياھەت قىلىش ۋىزىسى بارلار بەكرەك قارشى ئېلىنىدىكەن.

  ئاۋسىترالىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ دائىمىي مۇدىرى ئاندىرۇ مىك ئېۋوي بۇ رىقابەتنىڭ قىزىقچىلىق قىلالايدىغان ۋە تەۋەككۈل قىلىش روھىغا ئىەە ياش ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە