باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.08 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

7-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، جياڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار 7-مارت كۈشتىن بۇرۇن ئايرىم ئايرىم 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، يىغىندا ۋەكىللەر بەس بەستە قاراشلىرى، پىكىر تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جاڭ دېجياڭ ئىنتايىن ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە قولغا كەلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمىنغا ئالاقىدار قىسمەن بايانلار ھەم مەركەزنىڭ ئىلگىرى شياڭگاڭ، ئاۋمىنغا قاراتقان فاڭجىن سىياسەتلىرى بىلەن بىردەك بولۇپتۇ، ھەم بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم نەزىرىيەسى بېيىتىلىپتۇ، جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ ئاۋمېن رايونىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ داۋاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمىندا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.
7-مارت، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر جاڭ دېجياڭ ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}