باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2013.03.08 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 7-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە، ئەزالار يىغىن مەيدانىغا قاراپ ماڭدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 7-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، 16 ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىن رىياسەتچىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، تۇمان، ئۆپكىگە كىرىدىغان دانىچە، بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ۋە تۈزەش-پۈتۈن مەملىكەت، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، شەرقىي رايوندىكى قىزىق نۇقتىلىق سۆزلەرگە ئايلاندى.

  ئەزا خې ۋېي مۇنداق دېدى: كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۇماننىڭ بۇلغىشىدىن ساقلىنىش ۋە تۈزەش كېرەك. قاتتىق دۆلەت ئۆلچىمى بولغان كەسىپكە ئىجازەتلىك كىرىش سىياسىتى ۋە قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ئىسىملىكىنى تۈزۈپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما كۆپ چىقىرىدىغان كارخانىلارنى قەتئىي تاقاش؛ پاكىز ئېنېرگىيەنى كۈچلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەتنىڭ 4-باسقۇچتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى دىزېلىننى ئىشلىتىش، 2015-يىلى دۆلەتنىڭ 5-باسقۇچتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى دىزېلىننى ئىشلىتىش لازىم. ئەزا ليۇفەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى-شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكتىن يۆتكەلگەن نوپۇسنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى يەر ۋە ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىدا، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە پايدا ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىش.ئىككىنچى، يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەرلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. ئۈچىنچى، شەرتكە چۈشىدىغان دېھقانلارنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىنكى ئۆيلۈك يەر كۆرسەتكۈچىنى ئېلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئەرزان ئۆيلەرگە تېگىشىشىگە يول قويۇش ھەم ئۇلارنى ئاممىۋى ئۆي جامائەت فوندى تۈزۈمىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش.

  ئەزا ليۇ شۇچېڭ ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى قاتلاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر نەچچە مەسىلە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئاساسىي ھالقا-ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى قىلىش، ئەڭ مۇھىم تەدبىر-خەلق كىرىم تەقسىماتى چوڭ ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەڭشەش، ئەڭ ئاساسىي يول-ئەمگەك ھەققى كىرىمىنى ئۆستۈرۈش. پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئەقلىي ئەمگەك ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مال باھاسى ئۆرلىشىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئەزا جۇ خەنمىن ئېلىمىزنىڭ ھەق ئېلىش ئەھۋالىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تەھلىل قىلىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى تۈزۈم قەپىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. قىسقا مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى قاتتىق چەكلەشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە ئالاقىدار تۈزۈملەر مۇكەممەللەشمىگەن ئەھۋالدا، بارلىق ھەق ئېلىش تۈرلىرىگە ھوقۇق بېرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش لازىم. مەمۇرىي ھەق ئېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى دائىملىق ئىستاتىستىكا ئېلان قىلىش ئۇچۇر دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاشكارا، ئادىل، ئېنىق، مۇكەممەل بولغان ھەق ئېلىش قانۇن-نىزام تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك، «مەمۇرىي ھەق ئېلىش قانۇنى» چىقىرىشنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر