باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭلىق ئەزالىرى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› نى مۇزاكىرە قىلدى

2013.03.07 15:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنى يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى
  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق ئەزالار 5 –، 6 – مارت ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بەش يىل غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولغان بەش يىل بولدى، كۆپلەپ تەدبىر قوللىنىپ غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىن يۆلەش ئارقىلىق، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ماس تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: پەرقلىق سىياسەتنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مالىيە، باج، مەبلەغ، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، زېمىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، چېگرا رايون ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن پورتتا ۋىزا تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان قىسقا مەزگىللىك ساياھەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە ماھىيەتلىك ئىزدىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ شىنجاڭدىكى تارماق لىنىيەدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ھالقىسىمان لىنىيە پىلانىنى تۈزۈپ، يولۇچىلارنىڭ مۇساپىسىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، يول يۈرۈش چىقىمىنى تېجەش ئۈچۈن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارىسىدا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئەزا خۇا شىفېي مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى مەركەزلىك، بۆلەكلەر بويىچە يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەننىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. دۆلەتنىڭ يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى ئىزچىل ئاشۇرۇپ، جامائەت مالىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى مائارىپقا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بەكرەك دىققەت قىلدىم. مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە سېلىنمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن، بۇ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق. (چېن فېڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر