باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

كانادا ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى ئوقۇش پۇلىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى

2013.03.06 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى خۇددى قارا يامغۇردەك يامراپ، ئۇدا ئۈچ ھۆكۈمەتنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كانادا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا قارشى چىقىش نامايىشى يېقىندا يەنە قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.

  تەيۋەن «مەركىزىي ئاگىنتلىقى» نىڭ 27-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيىتلىشىچە، كانادا كۋېبېك ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Quebec) نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلىشتىن بۇرۇن ساقچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلمايلا كوچىلارغا چىقىپ كۈچ كۆرسىتىشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار مەزكۇر شەھەرنىڭ نامايىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. قارشى چىققان ئوقۇغۇچىلار ساقچىلارغا خىش-كېسەك، قار پومزىكى قاتارلىقلارنى ئاتقان، ساقچىلار كالتەك بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ھەم ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغان. كۋېبېك ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھازىرقى ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنى قايتۇرىۋالمايدىغان بولسا، ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىدۇ».

  ئالدىنقى يىلى ئەركىنلىك پارتىيەسى ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرگەنلىكى ئۈچۈن كۋېبېك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىر قانچە ئاي ئۇدا كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان ھەمدە توختىماي ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقەن. بۇنىڭ بىلەن كۋېبېكلار پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كىيىن ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرۈشنى توختىدىغانلىقىنى، بىراق ھەر يىلى ئوخشاشلا مال باھاسى بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىلقى مال باھاسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىغا تەخمىنەن 70 كانادا دوللىرى (تەخمىنەن 425 يۇەن خەلق پۇلى) قوشۇلۇشى كېرەك.

  كۋېبېك ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 2056 كانادا دوللىرى بولۇپ، كانادادىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر بويىچە ئەڭ تۆۋەن. ئونتارىئو ئونۋىرىستېتى (University of Ontario)دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 6640 كانادا دوللىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە