باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى 28-فېۋرال ئاياغلاشتى

2013.03.01 16:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرىئۈچ كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى 28-فېۋرال بېيجىڭدا ئاياغلاشتى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ نامزاتى يىغىننىڭ ئاساسىي قارالمىسى بولدى. قارالمىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھە نۇسخىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

  ئۇندىن باشقا يىغىندا يەنە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى1- يىغىنىدا كۆرسىتىلىدىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبەرلىرى تەكلىپ نامزاتى ۋە سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدا كۆرسىتىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى تەكلىپ نامزاتى مۇزاكىرە قىلىندى.مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقتىن بۇ قېتىمقى يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار قارالمىلار دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدۇ. پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بولۇپمۇ پارتىيە 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدا مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىدىكى پىكىر چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز چوڭ تارماقلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەڭشىدى. بۇ جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە تاراتقۇلارنىڭ جەلپكار نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  2008-يىلى 3- ئايدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش كومىتېت، مىنىستىرلىقنى يېڭىدىن تەشكىللىدى، ئىسلاھاتتىن كېيىنكى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەركىبىدىكى ئاپپارات 27 گە تەڭشەلدى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشمۇ تاراتقۇلار تەرىپىدىن تۈنجى نۆۋەتلىك چوڭ تارماقلارنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى دەپ قارالدى.

  ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18- قۇرۇلتىيىدا چوڭ تارماقلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا چوڭ تارماقلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى قارالمىسى كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلدى. بۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ يېقىندا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپاراتىنى تەڭشەشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپپارات تەڭشەشكە قارىتا، 23- فېۋرال ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىجابىي پۇختا، تەرتىپلىك، پىشىپ يېتىلگەنلىرىنى ئالدىن يولغا قويۇش؛ فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەمۇرىي ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى قويۇپ بېرىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە