باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جيا چىڭلىن شاھزادە مۇھەممەت بىلەن كۆرۈشتى

2013.02.28 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 27-فېۋرال خەلق سارىيىدا برۇنېينىڭ دىپلوماتىيە ۋە سودا مىنىستىرى شاھزادە مۇھەممەت بىلەن كۆرۈشتى.

  جيا چىڭلىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى برونېي بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يۆلىنىشىنى مەھكەم تۇتۇپ، تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق باش تېمىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  شاھزادە مۇھەممەد مۇنداق دېدى: بىرۇنېي بىلەن جۇڭگو خەلقى چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلدى، بىرۇنىي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن رازى. بىرۇنېي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، مەزكۇر رايوننىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە