خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مىسىرنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26-فېۋرال سائەت 11 ئەتراپىدا، مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى داڭلىق ساياھەت رايونى لۇكسوردا ساياھەتكە ئىشلىتىلىدىغان ئىسسىق ھاۋا شارى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مۇخبىر بۇ خەۋەرنى يوللىغان ۋاقىتقا قەدەر، 9 شياڭگاڭلىق قېرىنداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 ساياھەتچى بەختكە قارشى قازا قىلغان. (مۇخبىر خۇاڭ پېيجاۋ، لى يۇڭنىڭ)