باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلى شىنجاڭدا يەنە 4800 كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياسىلىدۇ

2013.02.28 13:19        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېزا تاشيولى (ماتېرىيال سۈرەت)
  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹يېزا تاشيوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، خەلقنى بېيىتىش ›› قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 108 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قاتناش شارائىتى ئاستا-ئاستا ياخشىلانماقتا . بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليارد 500 مىليوندىن 3 مىلياردقىچە مەبلەغ ئاجرىتىپ ، يەنە 4800 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ياسايدۇ، مىليون ئامما بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ .

  جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، سېلىنمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لىرىدىن ھەر قايسى يېزا-مەيدانلىرىغا بارىدىغان يوللار ئاسفالىتلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ ، يېزا-كەنت تاشيوللىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ . مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسىپورت نازارىتى يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە ، يولنى ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەر بىر يېزا-مەيدان ، كەنت ۋە تۈەن-مەيدانلارغىچە ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتناش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىۋاتقان بولۇپ ، تۈەن-مەيدانلارغا ئاپتوبۇس قاتناش نىسبىتى %100 كە ، يېزا-كەنتلەرگە ئاپتوبۇس قاتناش نىسبىتى %94 كە يەتكەن . ‹‹ سىرتلارغا چىققاندا پىيادە مېڭىش ›› بارا-بارا ‹‹ئىشىك ئالدىدىنلا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش ›› قا قاراپ يۈزلەنگەن ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا يولۇچى تىرانسىپورتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن .

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 2012-يىلى ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېزا تاشيوللىرىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 4 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ (پىلاندىكى نىشان 3 مىليارد ئىدى )، 38 يېزا-بازار، 488 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلانغان ، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن نوپۇس 1 مىليون 100 مىڭ ئادەمگە يەتكەن .

  بۇ يىل ، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار (جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت-ئوبلاست ) نىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ‹‹يېزا تاشيوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، خەلقنى بېيىتىش›› قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ . پىلان بويىچە ، 2 مىليارد 500 مىليوندىن 3 مىلياردقىچە مەبلەغ ئاجرىتىلىپ ، يەنە 4800 كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياسىلىپ ، 25 يېزا-بازار، 450 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلىنىدۇ ، مىليون ئادەم بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ .

  ‹‹يېزا تاشيوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، خەلقنى بېيىتىش ›› قۇرۇلۇشى تورلاشتۇرۇش ، ئاسفالىتلاشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان يېزا تاشيول تورىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ‹‹12-بەش يىل›› مەزگىلىدىكى شىنجاڭ قاتناش ئومۇمىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش . بۇ قۇرۇلۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ، يولۇچى ۋە يۈك تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرى ئېتىز باشلىرى ۋە ئائىلىلەرگىچە بارىدۇ ، تىرانسىپورت تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ۋە كىشىلەرنىڭ كىرىمىدە ئۆرلەش بولىدۇ ، شۇنداقلا يېزىلارنىڭ تېرىقچىلىق ، باغۋەنچىلىك ، ساياھەت ، كانچىلىق كەسىپلىرى تەرەققىي قىلىپ ، يېزا-بازار بىرگەۋدىلىشىش قەدىمى تېزلىتىلىتىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە