باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا قانداق سىگناللار چىقىرىلدى؟(1)

2013.02.27 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتىكى ئاشكارىلانغان ئۇچۇردىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق رامكىسى بىلەن كونكىرىت تەپسىلاتى يەنىلا ئېنىقسىز بولسىمۇ، ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدىكى «فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش»، « ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش» قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلىرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا ئالدىنقى نەچچە قېتىملىق ئىسلاھات يولى يەنە داۋاملاشتۇرۇلىدىكەن.جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 23-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، «گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى»نى مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش- مەمۇرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش»نى داۋاملاشتۇرۇش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەمۇرى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  گەرچە يىغىن قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن تارقالغان مول ئۇچۇرغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى، 3-ئايدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىداگوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش دۆلەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرى، تەكلىپ نامزاتلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھىم قارالما قىلىندى ھەمدە بۇ ئىككى جەھەتتىكى مەزمۇننى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىسى قىلىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۇنىڭ سالمىقى ۋە ۋەزىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  مەمۇرى تۈزۈلمىنى يېڭىلاش- كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت، تېخىمۇ پاك ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشقا بولغان يېڭى ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپپاراتى ئالتە قېتىم بىر قەدەر چوڭ ئىسلاھ قىلىندى، ئالايلۇق، 1982-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، كادىرلارنى ياشلاشتۇرۇش يولغا قويۇلدى. 1993-يىلى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى بەرپا قىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش تەكىتلەندى؛ 1998-يىلى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىماسلىق تەشكىلى ئاساسى بىكار قىلىندى؛ 2008-يىلى ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە «چوڭ بىر قىسىم تۈزۈم» ئىسلاھاتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ بىر يۈرۈش ئسىلاھاتلارنىڭ بىر تۇتاش ئېكەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس: 1-دەۋرگە يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇلدى ، 2-خەلقئارا بىلەن يەنىمۇ جىپسىلاشتۇرۇلدى، 3- بازار ئىگىلىكى بىلەن يەنىمۇ جىپسىلاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ قېلىپلاشتى،مەمۇرى ئۈنۈم، ئاشكارىلىق دەرىجىسى ئۆستى.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە