باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

2013.02.26 15:30   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لى رۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، نۆۋەتتە ، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا يىللاردىكىدىن ℃ 2 ~ ℃ 6 قىچە يۇقىرى بولغاچقا ، قىسمەن رايونلاردا قار سۈيى كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىنكەن ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىشى كېرەككەن .

  بۇ يىل 2-ئايدا شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور بولۇپ ، نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلتسىيە گىرادۇستىن بىراقلا نۆلدىن يۇقىرى 1 ، 2 سېلتسىيە گىرادۇسقا ئۆرلىگەن . 24-فېۋرال سائەت 24:00 دىن 25-فېۋرال سائەت 14:00 گىچە ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، تارباغاتاي ، ئالتاي قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغقان ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغقان . 25-فېۋرال كېچىدە ، ئالتاينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغقان .

  مۆلچەرلىنىشىچە ، 26-فېۋرال كېچىدىن 28-فېۋرالغىچە ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، تارباغاتاي ، ئالتاي ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن ، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن .

  27-فېۋرال چۈشتىن 28-فېۋرالغىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىدە 4-5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن ، قىسمەن رايونلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يېزىلاردا مەكتەپلەرنى قوشۇۋېتىش-ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋاقتىنچە توختىتىلدى
      ·يەسلىدىكى بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكىنى ئۆتۈش چەكلەندى
      ·شىنجاڭدا مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپىتى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ
      ·ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالمۇتا سۆھبىتى باشلاندى
      ·جيا چىڭلىن ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
      ·بېيجىڭ سەككىز تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى
      ·گۇيجوۋ كەيلى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەخلەت پونكىتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ…
      ·ئوتتۇرا غەربى قىسىمنىڭ ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش پىلانى باشلاندى
      ·مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولماقتا
      ·ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشنى ھەقلىق قىلىشتا بىگۈناھلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك(1)