باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جيا چىڭلىن ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2013.02.27 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 26-فېۋرال چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئەزەربەيجان خەلق پارلامېنتىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى ئەسقەروۋ بىلەن كۆرۈشتى. جيا چىڭلىن ئەسقەروۋنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى.

  جيا چىڭلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ئەزەربەيجان خەلق پارلامېنتى بىلەن دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەزەربەيجان خەلق پارلامېنتى بىلەن كۆپ قاتلام، كۆپ ساھە، كۆپ تەرەپلەردىكى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي ئىشلارغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پائال رول ئويناشنى خالايدۇ. ئەسقەروۋ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان قايىللىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ ئۇزۇن مۇددەت قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئەزەربەيجان جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونى ئىشەنچلىك ھەقىقىي دوستى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئەزەربەيجان خەلق پارلامېنتى ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تېرىشىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە