باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2013-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى

2013.02.27 14:23        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى يىغىنى 5-مارت، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، تۈنۈگۈن بېيجىڭ غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ شىمالىدىكى مېيدىيا مەركىزىگە تەسىس قىلىنغان 2013-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇخبىرلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىدى.

  ئاخبارات مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش زالى، توردا زىيارەت قىلىش ئىشخانىسى، تېلېگراف تور مۇلازىمىتى ئىشخانىسى، مۇخبىرلار دەم ئېلىش ئورنى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى، ئاخبارات مەركىزى يەنە مېيدىيا مەركىزىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە كىتاپ ماتېرىيال مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلدى، ئىككى يىغىن مەزگىلىدە 8 تىلدىكى30 نەچچە خىل 30 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ، ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ، بۇ ماتېرىياللار جۇڭگونىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بارلىق مۇخبىرلارنى بولۇپمۇ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگوغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگەللىشىگە ياردىمى بولىدۇ، نۆۋەتتە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بېتى ھەمدە سىياسىي مەسىلھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزى تور بېتى ئېچىۋېتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە