باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالمۇتا سۆھبىتى باشلاندى

2013.02.27 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىران بىلەن بولغان سۆزلىشىشى 26-فېۋرال قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھرى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى، بۇ سەككىز ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشى.

  پىلان بويىچە ئالدى بىلەن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئىراننىڭ سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشدون، ئىراننىڭ باش يادرو سۆھبەت ۋەكىلى جەلىلى ھەمدە ئالتە دۆلەتنىڭ ۋەكىلى سۆھبەتكە قاتناشتى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ما چاۋشۇ ئۆمەك باشلاپ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي يېقىندا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت نۆۋەتتە يېڭى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. جۇڭگو ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك يول ئارقىلىق تىنچلىق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە