باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولماقتا

2013.02.25 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۇنجى تۈركۈم 2011-يىللىق ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى» باھالاشتا ئەگەر ئۆلچەمگە مۇۋاپىق بولمىسا بىرنىمۇ باھالىماسلىقتەك ئاز بولسىمۇ ساز بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان.

  2011-يىللىق پىلان ئىلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە 211، 985 قۇرۇلۇشلىرىدىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئۈچىنچى ئىستراتېگىيىلىك پىلان بولۇپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى ئاساس، پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىغا يۈزلىنىش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى سانائەتلەشتۈرۈش ھەمدە رايون تەرەققىياتىنى مۇھىم ئېھتىياج قىلغان تۆت تۈرلۈك ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش قېلىپى بەرپا قىلىش. بۇنىڭ مۇھىم قىسمى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش.

  ھازىرغىچە ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ تەلەپ بويىچە ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرغان، 150 ئالىي مەكتەپتە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلغان. 26 ئۆلكە، شەھەردە ئۆلكە دەرىجىلىك 2011-يىللىق پىلان رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، 22 ئۆلكە شەھەردە ئۆلكە دەرىجىلىك 2011-يىللىق پىلاننىڭ مەخسۇس چىقىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە