- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش-تەمىنات مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلماقچى
2013.02.27 15:49 مەنبە: خەلق تورى
نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىملارنىڭ مائاش-تەمىناتى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئوخشاش دەرىجىدىكى كەسپىي خادىملار ۋە تېخنىك خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن، ھەتتا خېلى كۆپ رايونلاردا شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىنمۇ تۆۋەن. شۇ قەدەر تۆۋەن مائاش-تەمىنات سەۋىيەسى بىلەن ئىجتىمائىي خىزمەت ئىختىساسلىقلىرىنى، بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلام ئىجتىمائىي خىزمەت ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىش، تۇتۇپ قىلىش تەس بولۇۋاتىدۇ.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائاش كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش، كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنى كەسپىي-تېخنىك خادىملىرىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى ھەمدە جايلاردىن ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش يولى بىلەن پۇقراۋى جەمئىيەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، پۇقراۋى ئاپپاراتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش-تەمىنات مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە