باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەھلىل

2013.02.28 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-فېۋرال جەزملەشتۈرۈشى ئارقىلىق، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان بارلىق ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ئىناۋەتلىك بولدى، ئارقىدىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكى جەمئىيەتكە رەسمىي ئېلان قىلىندى.

  بۇ ۋەكىللەر-تۇنجى قېتىم شەھەر-يېزىلارنىڭ ئوخشاش نوپۇس نىسبىتى بويىچە سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ سانى كۆپىيىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ سانى ئازىيىش، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋەكىللىرى كۆپىيىش قاتارلىق نۇرغۇن ئالاھىدىلىك ۋە يارقىن نۇقتىلارغا ئىگە بولدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشتىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا شۇكى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم شەھەر-يېزىلارنىڭ ئوخشاش نوپۇس نىسبىتى بويىچە سايلاپ چىقىلىپ، جۇڭگوچە دېموكراتىيەدىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى. شەھەر-يېزىلاردىن ئوخشاش نىسبەتتە سايلاش، ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، رايونلار، مىللەتلەر باراۋەر بولۇش-بۇ قېتىمقى سايلامدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن تۈپ پىرىنسىپ. رايونلار باراۋەر بولۇش-2010-يىلى سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى بىر يارقىن نۇقتا بولدى. ئېلىمىزدە، تەڭ دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنىڭ قانۇنىي ئورنى باراۋەر بولىدۇ، نوپۇسى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلەتنىڭ ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بەلگىلىك ساندىكى ۋەكىلى بولىدۇ، ئوخشاش رايونلارنىڭ ئاساسەن ۋەكىللىرى بولىدۇ. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا بېكىتىلگەن رايونلارنىڭ ئاساسىي سانى سەككىز بولۇپ، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز رايونلارنىڭ بەلگىلىك ساندىكى ۋەكىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا، ئىككىنى ئاشۇرۇپ، بىرنى ئازايتىش نىشانى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1-سەپتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋەكىلى 401 بولۇپ، ئومۇمىي ۋەكىلنىڭ %13.42 نى ئىگىلەپ، 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن 5.18 پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  بۇندىن باشقا، ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىمۇ خېلى ئۆستى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، ئايال ۋەكىل 699 بولۇپ، ئومۇمىي ۋەكىلنىڭ %23.4 نى ئىگىلەپ، 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن 2.07 پوئېنت ئۆستى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، 1980-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار 74، 1990-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىككى. يېشى ئەڭ كىچىك ۋەكىل چېن رولىن 1992-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان.

  11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي تارماقلىرىدىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە قارىغاندا ئۈچتىن بىرى ئاز بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتى. بەش يىلدىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى ئومۇمىي سانى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ئازىيىش نىسبىتى يەتتە پوئېنتقا يېقىنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە