باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مايتاس يول بۆلىكى 10 بال بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 51 ئادەم بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى

2013.02.28 13:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى دۆربىلجىن 27-فېۋرال تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تارباغاتاي تاشيول ئىدارىسى دۆربىلجىن تارماق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 27-فېۋرال چۈش مەزگىلىدە ، ئۆلكە يولى 201-لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال ئېغىزىدا تۇيۇقسىز 9 بال ئەتراپىدا بوران چىققان ، جىلغا ئېغىزىدا چىققان بوران 10 بالغا يەتكەن ، بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتۈۋاتقان 12 ئاپتوموبىل داۋاملىق يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالغان ، ئاپتوموبىلدىكى 51 يولۇچى قاپسىلىپ قالغان . مايتاس بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ ، قار تازىلاش بازىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان . سائەت 15:30 دا قاپسىلىپ قالغان يولۇچىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن .

  شىنجاڭ تارباغاتاي تاشيول ئىدارىسىنىڭ دۆربىلجىن تارماق ئىدارىسى مايتاس جىددىي ئەھۋالدا قۇتقۇرۇش بازىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىسمېنا باشلىقى غەيرەتنىڭ ئېيتىشىچە ، 27-فېۋرال چۈشتە قاتتىق بوران چىققاندا ، كۆرۈش ئارىلىقى ئىككى مېتىرغىمۇ يەتمىگەچكە ، ئاپتوموبىللار داۋاملىق يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالغان . ئىگىلىنىشىچە ، شۇ كۈنى سائەت 13:40 دا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە