باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سومالى بىلەن ياۋروپادىكى بەش دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى

2013.02.27 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شېيىخ مەخمۇت تۈنۈگۈن پايتەخت موقدىشۇدا گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، بېلگىيە ۋە فىللاندىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ سومالىدا يېڭىدىن تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرى سۇنغان دۆلەت مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ سومالىنىڭ يۇقارقى بەش دۆلەت بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ رەسمىي ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  سومالى 1991-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ «ئىسلام ياشلار ھەرىكىتى»نىڭ سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئىچكى ئۇرۇشى سومالى ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلغانلىقتىن، چەتئەل ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى نائىلاج بۇ يەردىن ئايرىلغان ئىدى. 2012-يىلى سېنتەبىردە سومالى يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇردى. نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ سومالى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە