باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ بەش يىللىق خىزمىتىدىكى يارقىن نۇقتىلار

2013.02.28 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلىسەك، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىدا، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، مۇستەھكەملەش جەريانىدا راۋاجلىنىپ، مىللىي گۈللىنىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە بىر-بىرلەپ تارىخىي سەھىپە ئېچىلىپ، بىر-بىرلەپ شانلىق ئىزلار قالدى.

  بىرىنچ، 12-بەش يىللىق پىلانغا ئەقىل كۆرسىتىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا يېڭى تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىندى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى مەزگىلىدە، 12-بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 650 تىن ئارتۇق ئالاقىدار تەكلىپنى سۇندى. زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەر-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. ئىككىنچى، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا زور كۈچ ئاتا قىلىندى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش-خەلقنىڭ مەنپەئەتى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. بەش يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي كېڭىشى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇھاكىمە يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس، بايلىق، مۇھىت ساھەسىدىكى ھەر تەرەپلىمە، ئومۇميۈزلۈك، ئالدىن كۆرەرلىك تېمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

  ئۈچىنچى،مەركەزنى چۆرىدەپ، دۆلەتنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ھەر قېتىملىق دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۈچىنىڭ بارىچە ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، دۆلەتنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشتى.

  بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ئاممىۋى مالىيەنىڭ پايدىسى چەت-يىراق نامرات جايلارغا يەتكۈزۈلدى. بەش يىل ئىچىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپا مائارىپى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، كىرىم تەقسىمات تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلاردا ئاممىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا بولغان غەمخورلۇقىنى گەۋدىلەندۈردى. 5-قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئالدىن كۆرەرلىك تېمىلار 500 قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىندى. بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەر تەرەپلىمە، ئومۇميۈزلۈك، ئالدىن كۆرەرلىك تېمىلارنى چىڭ تۇتۇپ، 500 تىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى.

  ئالتىنچى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، جۇڭگوچە دېموكراتىك كېڭىشىشكە كۈچ قوشۇلدى. تەكلىپ بېجىرىش شەكىللىرىدە يېڭىلىق يارىتىش-بەش يىلدىن بۇيانقى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئەزالارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، تەكلىپ كومىتېتى دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنى خىزمەت ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشنى يىلمۇ-يىل كۈچەيتتى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق 32 تارماقنىڭ مەسئۇللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خىزمەت ئەھۋاللىرىنى ئۇقتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر