باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى دالاي گۇرۇھى تەشكىللىگەن ۋە پىلانلىغان ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش چاتما دېلوسىنى پاش قىلدى

2013.02.28 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-فېۋرال لەنجۇدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا گەنسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى چېگرا سىرتىدىكى دالاي گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىشى، پىلانلىشى ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ئارقىسىدا ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش چاتما دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلدى. يارۇڭداجىن، سەنمۇدەن، جاشى جامۇسۇ، دەنبېي جيېبۇ، دەنزاڭ قاتارلىق بەش نەپەر ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى.

  ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشقىلارنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە، جانغا زامىن بولۇشقا، جەمئىيەتكە زىيان سېلىشقا تەشكىللەش، پىلانلاش، كۈشكۈرتۈش قاتارلىقلار باشقىلارنىڭ جېنىغا قەستەن زامىن بولۇشتەك ئېغىر جىنايى قىلمىش. ساقچى دائىرىلىرى رازۋېدكا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىگۇناھ جانغا زامىن بولغان جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە