باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى بۈگۈن ئېچىلدى

يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

2013.02.26 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈندىن باشلاپ 28-چېسلاغىچە، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لاھىيەسى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك نامزاتلىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مۇھىم تېما بولىدۇ.

  كۈنتەرتىپ بويىچە، يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، يىغىندا يەنە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىگە كۆرسىتىلىدىغان نامزاتلار ۋە سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىكىگە كۆرسىتىلىدىغان نامزاتلار تىزىملىكى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاچقا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار قارالمىسى كەڭ دىققەتنى قوزغىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا «مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ چوڭ تارماق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەڭشىشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىلىق تېمىسىغا ئايلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە