باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش تەربىيەسى سارىيى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2013.02.26 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-فېۋرال، شىنجاڭ قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت 4 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش تەربىيەسى سارىيى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ سەنمۇسى شۈ رۈينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ساراي بۇلتۇر 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆلىمى 405 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. ئاساسلىقى ئوت ئاپىتى ۋە يەر تەۋرىگەندە ئۆزىنى قانداق قوغداش، ئوت ئاپىتى ۋە يەر تەۋرەش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدىكەن. كۆرگەزمە رايونى «ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى سىناق قىلىش»، «يەر تەۋرەش بىلىملىرى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ساۋاتلىرى» قاتارلىق بەش بۆلەك ۋە 25 كۆرگەزمە تۈرىگە ئايرىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە