باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېزىلاردا نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىدىن 23 مىليون 390 مىڭ ئازايدى

2013.02.27 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت ئىشلىرى مەھكمىسى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلگەن، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2300 يۈەنلىك دۆلەتنىڭ بۇ يېڭى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە ئۆتكەن يىلى يېزىلاردا نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكىتلىرىدىن 23 مىليون 390مىڭى ئازىيىپ، ئومۇمىي سانى 98 مىليون 990 مىڭغا چۈشۈپ، يېزا نوپۇسىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى %10.2 بولۇپ، 2.5 پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

  2012-يىلى ئېلىمىزدە نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىسى يەنىمۇ ئاشقان، مەركەز مالىيەسىدىن سېلىنغان ئۇنىۋېرسال نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسى299 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %31.9 ئاشقان. 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مالىيە خامچوتىدا ئورۇنلاشتۇرغان نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى 14 مىليارد 780 مىليون يۈەن، مەركەزنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن سالغان مەبلىغى 1 مىليارد 898 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 9 مىليارد 34مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈشكە ياردەم بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە