2013-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەنى پانۇس بايرىمىنىڭ ئەتىسى، جېجياڭ تەيجوۋدىكى مەلۇم بىر كارخانىنىڭ باشلىقلىرى زاۋۇت دەرۋازىسى ئالدىدا رەتكە تىزىلىپ، ئىشقا چۈشكىلى كەلگەن ئىشچىلارنى تەزىم بىلەن كۈتۈۋالدى.
بۇ كارخانا 2008-يىلدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ قەدىمىي ئەنئەنىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، چوڭ-چوڭ بايرام كۈنلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىش كۈنىدە كارخانىنىڭ يۇقىرى قاتلام باشلىقلىرى مۇشۇ شەكىلدە زاۋۇتقا ئىشقا چۈشكىلى كەلگەن ئىشچىلارنى كۈتۈۋالىدىكەن. كارخانىنىڭ مەلۇم بىر باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش شەكلى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋىتى ئىجىللاشقان، ئىشچىلارمۇ زاۋۇتتىن ئايرىلمىغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)