- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ھۆججەت تارقىتىپ، «بىر كۈنلۈك ساياھەت» تە مال سېتىۋېلىش ۋە ئۆزى پۇل چىقىرىش تۈرىنى بىكار قىلدى
2013.02.27 14:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تۆنۈگۈن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تارقاتقان يېڭى نۇسخىدىكى « دۆلەت ئىچىدىكى ‹ بىر كۈنلۈك ساياھەت› توختامى (ئۈلگە نۇسخىسى)» نى تارقاتتى. بۇنىڭ «بىر كۈنلۈك ساياھەت» بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى توسۇشقا پايدىسى بولۇشىدىن ئۈمىد بار. توختام ئۈلگىسىدە، «بىر كۈنلۈك ساياھەت» جەريانىدىكى مال سېتىۋېلىش، باشقا ھەق تۆلەش ۋە ئىخىتىيارى پائالىيەت تۈرىنى بىكار قىلىش ئېنىق بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەت شىركەتلىرى ساياھەتچىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا مەجبۇرلىسا ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەجبۇرلاشقا قارىتا، ساياھەت كوپىراتىۋى ساياھەتچىلەرگە ئومۇمىي ساياھەت خىراجىتى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20 بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ھەر قايسى جايلارنىڭ بۇ توختامنى يولغا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە