باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

يەسلىدىكى بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكىنى ئۆتۈش چەكلەندى

2013.02.27 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى كىرگۈزۈشنى قەتئىي چەكلىدى.

  17-فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشچە، ش ئۇ ئا ر يەسلىلەردىن بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى كىرگۈزۈشنى چەكلەش، تاپشۇرۇق بەرمەسلىك، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەقلىي قابىلىيەت سىنىقى ۋە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرماسلىق، قىزىقىش سىنىپى، ئالاھىدە سىنىپ، تەجرىبە سىنىپىغا ئوخشاش سىنىپلارنى تەسىس قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغان باھالاش، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سىناق قاتارلىق تۈرلۈك تاللاش شەكىللىرى بىردەك بىكار قىلىنىدىكەن، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن دەرس مەزمۇنىنى قىسىشى ياكى دەرسلىكنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشى قاتتىق چەكلىنىدىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا، يەسلىلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ياشقا قاراپ سىنىپقا بۆلۈشى، سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچى سانىنى كونترول قىلىشى، بالىلارنىڭ كۈندە ئىككى سائەت سىرتتا پائالىيەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ يەسلى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنى مەكتەپ ئاچقان يەسلى ياكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپىدا ئوقۇمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ قوبۇل قىلماسلىقىنى چەكلەش بەلگىلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە