باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

شىنجاڭدا مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپىتى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ

2013.02.27 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، شاڭخەيدە يۈز بەرگەن «زەھەرلىك مەكتەپ فورمىسى ۋەقەسى» پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىنجاڭدىكى مەكتەپ فورمىلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سۈپىتى ناچار مەكتەپ فورمىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تالا تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەلىكىدە مەكتەپ فورمىلىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش پائالىيتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يىل بېشىدا شاڭخەيدىكى 22 ئورۇندىكى مەكتەپ فورمىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى تەكشۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئۆلچەمگە توشۇش نىسبىتى پەقەت %73 بولغان، بىر كارخانا ئىشلەپچىقارغان فورما رەختى تالاسىنىڭ تەركىبىدە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەركىبلەر بايقالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىملىق مەخسۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى 15-مارتقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار فورمىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت فورمىسى مەخسۇس تەكشۈرۈلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تالا تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ فورمىلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئەگەر سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە