باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

بېيجىڭ سەككىز تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى

باشلانغۇچ مەكتەپلەردە چارەكلىك ئىمتىھان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2013.02.26 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 25-فېۋرال بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇش باشلىدى. بۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىش ئوقۇش باشلاش تېمىسى قىلىندى. بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىيادە ئېغىر دەرس يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا، دۆلەتنىڭ ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دەرس پىلانىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ۋاقتىنى، تاپشۇرۇق مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەش، ئىمتىھان ئېلىش ۋە باھالاش خىزمىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش، قائىدىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى قاتتىق چەكلەش، ئوقۇتۇش-يېتەكلەشتە قوللىنىلىدىغان كىتابلارنى ۋە ھەر خىل مۇسابىقىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش،خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇش بەلگىلەندى.

  باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، ئېنگلىز تىلى دەرسلىرىدىن مەۋسۇم ئاخىرىدا بىر قېتىم مەكتەپ ياكى يىللىقلار بويىچە ئىمتىھان ئالىدۇ، باشقا پەنلەر ئۈچۈن ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە