- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي 17گە كۆپەيدى
2013.02.27 09:54 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، نۇرباغدىكى ‹‹يېڭى دەۋر›› مېھمانسارىيى ۋە ئۈرۈمچى غەربىي شىمال نېفىت مېھمانسارىيىنىڭ فېۋرالدا بىرلا ۋاقىتتا ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىشى بىلەن ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلارنىڭ سانى 17 گە يەتكەن . بۇ 17 مېھمانسارايلارنىڭ تۆتى قاراماي ، تۇرپان ۋە كورلىدا ، 13 ى ئۈرۈمچىدە ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچىدە ئەسلىدە بار بولغان بەش يۇلتۇزلۇق 11 مېھمانساراي : ‹‹كۈمۈش ئاستانە ›› مېھمانسارىيى، ‹‹خەيدې ›› مېھمانخانىسى ، ‹‹خوڭفۇ ›› چوڭ مېھمانخانىسى ، ‹‹گۈزەل جۇڭخۇا ›› مېھمانسارىيى ، ‹‹يىنشىڭ›› مېھمانسارىيى، تارىم مېھمانسارىيى ، ‹‹خۇالىڭ›› مېھمانسارىيى ، رۈيخاۋ خەلقئارا مېھمانسارىيى ، شىرەيتۇن مېھمانسارىيى ، ئۈرۈمچى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خەلقئارا مېھمانسارىيى ، ئۈرۈمچى تيەنيۈەن خەلقئارا مېھمانسارىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي ۋە تاماقخانىدىن 60 ى بار ئىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە