باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تولى ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇدا بەش يىل شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

2013.02.27 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىلى، شىنجاڭدا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 14 توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئومۇمىي ئىشلەپچىقارغان ئالتۇن مىقدارى 14.2 توننىغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، «شىنجاڭ ئالتۇن بىرىنچى ناھيەسى» تولى ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۇدا بەش يىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

  26-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئالتۇن باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە،2012-يىلى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئالتۇن 14.2 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.1 توننا كۆپىيىپ، %17.3 ئېشىپ، ئېشىشى سۈرئىتى جەھەتتە يەنە رېكورت ياراتقان. شىنجاڭنىڭ ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى 2002-يىلىدىكى 5.25 توننىدىن، 2012- يىلىدىكى 14.2 توننىغا يېتىپ، يىلىدا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئون يىل ئىچىدە مەھسۇلات مىقدارى ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە