باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئوتتۇرا غەربى قىسىمنىڭ ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش پىلانى باشلاندى

2013.02.26 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا غەربىي قىسىملارنىڭ ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش پىلانى»نى باشلاپ 2020-يىلغىچە غەربىي قىسىمنىڭ ئالىي مائارىپ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ غەربى قىسىم رايونىنىڭ ئالى مائارىپىدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2012-يىلى غەربىي قىسىمدىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسى 6 مىليون 515 مىڭغا، ئاسپىرانت 360 مىڭغا يېتىپ، 2007-يىلىدىكىدىن ئايرىم ئايرىم %40.29 ۋە %44.93 ئاشقان؛ غەربى قىسىمدىكى رايونلاردا 2011-يىلى ئاممىۋى مالىيە خامچوتى مائارىپ ئىشلىرى ھەققى بىردەك 9000 يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش دەرىجىسى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولغان؛ 2008-يىلى شىزاڭ ئۇنىۋېرستېتى، چىڭخەي ئۇنىۋېرستېتى، نىڭشيا ئۇنىۋېرستېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرستېتى «211 قۇرۇلۇشى» دىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، غەربى قىسىم رايونىدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەنلىرىدىن بىرىمۇ بولماسلىق ئەھۋالى بۇزۇپ تاشلاندى.

  نۆۋەتتە غەربىي قىسىم رايونىدا «211 قۇرۇلۇشىغا» كىرگۈزۈلگەن 25 ئالىي مەكتەپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەنىدىن 264 ى بار. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان«جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئون چوڭ پەن تېخنىكا تەرەققىياتى» تۈرىدە غەربىي قىسىم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يەتتە تۈرى تاللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە