- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك كارخانىلارنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
2013.02.27 15:47 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش ، ھەمكارلىشىش ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارە قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئاممىۋى خىزمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيې جۈن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
تەڭرىتاغ تورى ، ئۈرۈمچى ، 26-فېۋرال خەۋىرى : ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ، ھەمكارلىشىش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى 26-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . بۇ ‹‹چاغاندا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش ، ھەقىقىي ئىشلەپ ، ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ›› يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پائالىيىتى ›› نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىش ، تەرەققىيات تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇش ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەسىراتىنى بەھۇزۇر پاراڭلىشىشنى مەقسەت قىلغان .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت ، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارە قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئاممىۋى خىزمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيې جۈن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى .جۇڭگو نېفىت ، تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى شىركىتى ، جۇڭگو نېفىتى كۆمۈر–تەبىئىي گازنى سىرتقا توشۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ جىلىنتەي سۇ ئېلېكتىر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ، جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش كەسپى شىنجاڭ ئېنېرگىيە ، سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، جۇڭگو خىمىيە تارىم دەرياسى تاۋلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، دۆلەت مەبلىغىدىكى شىنجاڭ لوپنۇر كالىي تۇزى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، جۇڭگو نېفىت ، تەبىئىي گاز تىرانسپورت شىركىتى ، جۇڭگو نېفىتى غەربىي شىمال بىرلەشمە تۇرۇبا يولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، قاراماي قىزىلتاغ نېفىتلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ، شىنجاڭ لۇيوۋ خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 11 كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا پىكىر بايان قىلدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە